ھەققىمىزدە
Murat Orhun
تەرىپىدىن 2025-01-19 22:19 دە يېڭىلانغان
مەزكۇر ژۇرنال ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى كىلاسسىك ۋە نادىر ئەسەرلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلىش، ئۇيغۇر تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپ ئىگىلىرى ۋە ھەۋەسكارلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ۋە ئەدەبىي تىلىنى باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇش، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر ژۇرنالنى مەزمۇن ۋە سۈپەت جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقئارادىكى سۈپەتلىك ئەدەبىي ژۇرناللارنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدىغان پەسىللىك ئەدەبىي ژۇرنال. مەزكۇر ژۇرنالدا پەقەت ئەدەبىي ئەسەرلەرلا ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، بىۋاستە ئۇيغۇرچە يېزىلغان ياكى باشقا تىللاردىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەلەر قۇبۇل قىلىنىدۇ.
ژۇرنالغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئەدەبىي ئەسەرلەر:
- ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى كلاسسىك ۋە نادىر ئەسەرلەر
- ئىجادىي ئەسەرلەر
- باشقا تىللاردىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر
- خەلق ئارىسغا تارقالغان ئەقلىيە سۆز، ماقال-تەمسىل، چۆچەك، قوشاق، يۇمۇر قاتارلىقلار
- ئۇيغۇرلارنى تەسۋىرلىگەن رەسىملەر، فوتو-سۈرەت، كارىكاتورلار(ھەجۋىي رەسىملەر)
- مەلۇم رايونلاردىكى ئۇيغۇر ئارىسىدىلا قوللىنىلىدىغان سۆزلەر (لۇغەت)
ئەسەر ئەۋەتىش ھەققىدە:
- ئەسەرلەر uyjurnal@gmail.com ئادرېسى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدۇ.
- كىلاسسىك ۋە نادىر ئەسەرلەر ھەققىدىكى ئۇچۇرلار (ئاپتورى، ژانىرى، ئېلان قىلىنغان ژۇرنال، كىتاب، يىلنامە قاتارلىقلار) ئېنىق ئەسكەرتىلىشى كېرەك.
- تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى تىلى ھەققىدىكى ئىزاھات ۋە ئەسلى تېكىستى تەمىنلىنىشى كېرەك. ئىجادىي ئەسەرلەرنىڭ ژانىرى ئەسكەرتىلىشى كېرەك.
- ئىجادىي ئەسەرلەرنىڭ ژانىرى ئەسكەرتىلىشى كېرەك.
- ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەردە ئەۋەتكۈچىلەرنىڭ (ئاپتورلار ۋە نەشىرگە تەييارلىغانلار) ئىسىمى يېزىلماسلىقى كېرەك.
ئەسەرنىڭ باھالىنىشى ۋە قوبۇل قىلىنىشى:
- ژۇرنالغا ئەۋەتىلگەن بارلىق ئەسەرلەر ژانىرىغا قاراپ ئۈچ باھالاش ھەيئىتىگە ئەۋەتىلىدۇ.
- قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ئەسەر ئاز دېگەندە ئىككى باھالاش ھەيئىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك.
- ئەسەرلەرنىڭ ئادىل باھالىنىشى ئۈچۈن، ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەردە ئاپتورلارنىڭ ئىسمى ياكى كىملىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بىلدۈرۈلمەيدۇ.
- ئەسەرلەر ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بىلەن، تىل-يېزىق ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىنغان ئاساستا يېزىلىشى كېرەك.
- مەزمۇن جەھەتتىن ژۇرنالنىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسى ئىچىدە بولۇش كېرەك.
- ئەسەر قوبۇل قىلىنسا، ئەسەر ئاپتورىدىن ئىسىم، تەخەللۇس (ئەگەر ئىشلىتىدىغان بولسا) ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش (ئەگەر ئاپتور تەمىنلەشنى خالىسا) تەلەپ قىلىنىدۇ.
- ئەسەر قوبۇل قىلىنمىسا، قوبۇل قىلىنمىغانلىق ئۇچۇرى تەكلىپ ۋە پىكىرلەر بىلەن ئەۋەتىلىدۇ.
- ئەسەرلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى پۈتۈنلەي باھالىغۇچى ھەيئەتنىڭ قارارى بىلەن بولىدۇ.
ژۇرنالنىڭ ئېلان قىلىنىش شەكلى:
- ژۇرنال پەسىللىك تور ژۇرنىلى بولۇپ، ئەرەب ھەرپلىرى، لاتىن ھەرىپلىرى، سلاۋىيان ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا ۋە (باشقا تۈرك مىللەتلىرىنىڭمۇ ژۇرنىلىمىزدىن پايدىلىنالىشى ئۈچۈن) بىرلىككە كەلگەن تۈرك ئېلىپبەسىدە بولۇپ جەمئىي تۆت نۇسخا ئېلان قىلىنىدۇ. يىلدا بىر قېتىم تۆت سان بىرلەشتۈرۈلۈپ يىللىق توپلام شەكلىدە نەشىر قىلىنىپ، ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارغا ھەقسىز تارقىتىلىدۇ.